13.02.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1144342
13.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلئاۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى شاناخاننىڭ، ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى قورقۇنچلارنى ئوتتۇرىدىن يوقىتىش ئۈچۈن باغدادنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەل مۇستاقبال گېزىتى» (El-Mustkbal)، تۈركىيەنىڭ 22-فېۋرالدا ئېچىلىدىغان «ئافغانىستان» تېمىلىق ئامېرىكا-رۇسىيە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەل رايا ئەل قاتارىيا گېزىتى» (Al-Raya Al-Katariya)، قاتارنىڭ ئىران بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ت-ئونلاين» (T-Online) تور بېتى، مىڭدىن ئارتۇق «گۈلەن» چىلەرنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى»، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گېرمانىيەدىكى يېڭى باش ئەلچىسىنىڭ مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئا ر د تېلېۋىزىيەسى» (ARD)، «2-شىمالىي ئېقىم» تۇرۇبا يولى مۇنازىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەسسەلىشىش يولىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» (France 24)، بېلگىيەدىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاش سەۋەبلىك بېلگىيەگە ئۇچقان ياكى بۇ دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەرگە ئۇچقان ئايروپىلانلارنىڭ يوقلۇقىنى خەۋەر قىلدى.

«لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ فىرانسىيەنىڭ ئۇششاق تىجارەتچىلىرىگە چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، مېكسىكادىكى سىنالوا (Sinaloa) زەھەرلىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى جواكۋىن گۇزمان (Joaquín Guzmán) نىڭ ئامېرىكادىكى سوتتا جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، بىراق جازانىڭ ھازىرچە ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى، بەلكىم مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل موندې گېزىتى» (El Mundo)، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ، «ۋېنېزۇئېلا ئاچارچىلىق دۆلىتى ئەمەس، ۋېنېزۇئېلادا كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق مەنبەسى بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، چىلىدا ئورمانلىقتا چىققان ئوت ئاپىتىدە ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، سەككىز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 32 ئۆينىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، موسكۋادا ياغقان قېلىن قار سەۋەبلىك 40 تىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى ئېمبارگولارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى بولغان دۇمانىڭ، غەربنىڭ ئېمبارگوسىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر