01.02.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1137165
01.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى؛ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «Alsharq Alawsat» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن پەۋقۇلئاددە چوڭ بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «El-Emarat El-Yaum» گېزىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسلىسىنى يالغاندىن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، «ئەل مۇناساق» رادىيوسىنى ئېچىپ پەلەستىنلىكلەرگە تۇزاق قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۈۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە بازارلىرىنىڭ مىسىر پىيازلىرى ئۈچۈن دەرۋازىسىنى ئېچىش قارارى ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Bild» گېزىتى، 400 نەپەر «Volkswagen» ماركىلىق ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ «Volkswagen» شىركىتى ئۈستىدىن كوللېكتىپ ھالدا سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى، بىراق سوتنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.  

«Frankfurter Allgemeine Zeitung» گېزىتى، تۈركىيەگە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ كىشى بارغانلىقىنى، تۈركىيە ساياھەت ساھەسىنىڭ 2018 - يىلىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ دەم ئېلىش ئۈچۈن قايتىدىن تۈركىيەنى تاللىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

«Deutsche Welle» گېرمانىيەدە ياغلىق چېگىشكە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە دىۋانىغا يوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. گېرمانىيەدە فېدېراتسىيە سودا سانائەت سوت مەھكىمىسى، خۇسۇسىي ساھەلەردە مۇسۇلمان بىر ئايالغا قويۇلغان ياغلىق چىگىش چەكلىمىسىگە ئالاقىدار دېلودا، پۈتۈن ئارخىپلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە دىۋانىغا يوللاپ بەرگەن ئىدى.

 

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El País» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلىتىپ، مادۇرو بىلەن بولغان پۈتۈن دىيالوگ قاناللىرىنى تاقىۋىتىشكە زورلاۋاتقانلىقىنى، خۇەن گۇايدو ئۆزىنى ۋېنېزۇلانىڭ پىرېزىدېنتى دەپ ئېلان قىلىشىتىن  ئىككى كۈن ئىلگىرى مادرىدتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنا چىقىدىغان «Clarín» گېزىتى، مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ گۇايدوغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشقان 939 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى، بۇلاردىن 750 كىشىنىڭ ھازىرمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقۇ ۋە  بۇنىڭىدىن باشقا يەنە، 11 ژۇرنالىستنىڭ نازارەتكە ئېلىنىپ، گۇايدونىڭ ئۆيىگە ساقچى يوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Libération» گېزىتى، سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ «ئىنقىلاپ فەسبۇك نەق مەيدان تارقىتىشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «Le Soir» گېزىتى، «ئامېرىكا يادرو كېلىشىمدىن يېنىۋېلىشقا بەك يېقىن» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Libération» گېزىتى، تېز سۈرئەتلىك قاتناش يوللىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالتۇن كاكىلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «İzvestiya» گېزىتى، گۇايدونىڭ "ۋېنېزۇئېلادىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشى ھەم رۇسىيەگە ھەم خىتايغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «Komsomolskaya Pravda» گېزىتى، «رۇسىيەدىن ئۇچقان سىرلىق ئايروپىلان تەۋە شىركەتنىڭ، «ۋېنېزۇئېلاغا ئالتۇن ياكى قورال يۆتكەلدى» دېگەن خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلار كاراكاستا رۇسىيەگە تەۋە ئىچى قۇرۇق بىر ئايروپىلاننى بايقىغان ۋە بۇ ئايروپىلاننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئالتۇن، پۇل، قورال ياكى پۇللۇق ئەسكەر يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر