چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 17.01.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

890418
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 17.01.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكىنىڭ تۈرك تىلىدا خەۋەر تارقىتىدىغان ئىنتېرنېت تور بېتى تۈرك مىليونېرلىرىنىڭ سانىنىڭ 127 مىڭغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئافرىن ۋە مۇنبىچنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرك بانكېر (خەلق بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ھاقان ئاتىللا» داۋاسىنى «سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «‹ Turkishny› ئىنتېرنېت تور بېتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ فىلوتقا ئىگە شىركەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئوقتاقلاشتى.

«‹قىرىم› خەۋەر ئاگېنتلىقى (QHA)»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ «نۇسرە ھەرىكىتى» گە قارشى  كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئىلمىي ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش باسقۇچىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، تۈركىيەنىڭ نىشانىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى 1 مىليونغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «‹مەھر› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىران ۋە رۇسىيەنى دەمەشقنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

گىرۇزىيەدە چىقىدىغان «‹ Interpressnews › گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش بەلگىلىمىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ AP› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاۋىستىرىيەدە چىقىدىغان «‹ Der Standard › گېزىتى»، ئاۋىستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارىن كنېئىسنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيە ۋە تۈركلەرنى ماختىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئوقتاقلاشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر