چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 22.03.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

696870
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 22.03.2017

ئەنگلىيە ۋاقىت گېزىتى «ياۋروپادىكى تۈركلەر كۆپىيىشى كېرەك»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان تۈركلەرنى ئايرىمچىلىقتىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۈيۈك ئائىلە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ياۋروپادىكى تۈركلەرنى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە چاقىرغان ئەردوغان، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياۋروپادىكى تۈركلەر ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىكلەرگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:< ياۋروپادا تەخمىنەن 4 مىليون 600 مىڭ تۈرك ياشىماقتا، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى 1960-يىللاردا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پەيدا بولغان ئىشچى بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە تەكلىپ قىلىنغان ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچمىدى>دېدى».

ئامېرىكىدىكى Associated Press Haber (AP)  ئاگېنتلىقى «ئەردوغان: 16-ئاپرېلدىن كېيىن ياۋوپا بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپادا تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى تۈركلەر بىلەن دېدارلىشىشىغا يول قويۇلماسلىقىغا، لېكىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: <بۇ ئەھۋال مۇنداق كېتىۋەرمەيدۇ، تۈركىيەگە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلىدۇ.> 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىدىن كېيىن ياۋروپا بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئەردوغان، گوللاندىيە  بىلەن گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ رېفېراندۇم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىغا تۈركىيەنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ <بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى شەخس بولسۇن مەيلى ئورگان بولسۇن بىرمۇ ياۋروپالىقنىڭ تۈركىيەدە ھەر خىل تۇزاقلار بىلەن جاسوسلۇق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دېدى.»

فىرانسىيەدىكى TV5تېلۋىزىيەسى «مۇساپىرلار ياۋروپاغا كېتىشكە تەييار ھالەتتە تۇرماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە مۇساپىرلار بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا توساق رولىنى ئۆتىمەكتە، يېقىنقى كۈنلەردە بۇ توساقلارنى ئېلىپ تاشلاش كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە، تۈركىيە قۇچاق ئېچىۋاتقان بۇ مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن زور پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە چېگرالىرىنى ئېچىۋەتكەن تەقدىردە، بىر ئاي ئىچىدە بىر ياكى بىر يېرىم مىليون مۇساپىر ياۋروپاغا كېلىدۇ، ھازىرمۇ چېگرادىن ھالقىپ ئۆتەش بەكمۇ تەس ئەمەس، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالغان بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئەكسىچە، فېۋرالنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە گىرېتسىيە ئاراللىرىغا 1400دىن ئارتۇق مۇساپىر كەلگەن.»

ئامېرىكا ئاۋازى «چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگىتوندا دائېشقا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا قاتنىشىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دائېشقا قارشى  دۇنيا بىرلەشمىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە 21-مارتتىن 22-مارتقىچە ئامېرىكىدا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدۇ ، يىغىندا دائېشقا ئىراق ۋە سۈرىيەدە زەربە بېرىش، باشقا يەرلەردىكى ئالاقە تورلىرى، شىرىكلىرى ۋە تارماقلىرىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسى  كېڭەش قىلىنىدۇ. چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگىتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى يەنە مەلۇم بىر چۈشەنچە ئىنىستېتۇتىدا لېكسىيە بېرىشنى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ۋە بەزى جامائەت ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىماقتا.»

ئەزەربەيجان خەۋەر ئاگېنتلىقى TREND «ياۋروپا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى بېشىدا كۆتۈرۈۋاتىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا  ئۆتكۈزۈلگەن <جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى>تېمىلىق پائالىيەتكە تېلېفون ئارقىلىق قاتناشتى.  بىنالى يىلدىرىم:<بولۇپ ئۆتكەنلەردىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: ياۋروپادىكى ئويۇن ھەقىقەتەن چوڭ، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە ۋە شىۋېتسارىيە بىر بولۇپ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى بېشىدا كۆتۈرۈۋاتقان بولسا، بىزنىڭ دۆلىتىنى، ۋەتىنىنى، مىللىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىرقداشلىرىمىزغا، قېرىنداشلىرىمىزغا كۈلپەت ۋە قىيىنچلىق تۇغدۇرماقتا>دېدى.»

فىرانسىيەدىكى AFP ئاگېنتلىقى «گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قىلمىشىنىڭ كەينىدىكى رولى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ئىستىخبارات ئىشخانىسى باشلىقىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاقلاپ بەرگەن باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى. جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ۋەقە-ھادىسىلەر توغرىسىدا بەكمۇ بايانات بېرىپ كەتمەيدىغان گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ، تۈركىيەدىن قېچىپ ياۋروپاغا كەتكەن فەتھۇللاھچىلارنى ئاقلاپ بايانات بېرىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىك گېرمانىيە مەسئۇللىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولى بار ياكى يوقلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <ئۇلارنىڭ باياناتلىرى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاقلاپ بايانات بېرىشى گېرمانىيەگە بولغان گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ ۋە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كەينىدە قولى بار ياكى يوقلىقى ئۈستىدە كىشىنى ئويغا سالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر