چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 15.03.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

691868
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 15.03.2017

ئىتالىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى Askanews «تۈركىيە گوللاندىيەنى ب د  ت، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا كېڭىشىگە ئەرز قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە  گوللاندىيەنىڭ ۋىيانا ئەھدىنامىسىگە زىت ھەرىكەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، گوللاندىيە ئۈستىدىن خەلقئارا ئالىي سوت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىدۇ. گوللاندىيە 11-مارتتا بىر تۈركىيە مىنىستىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ھېسابلىنىدىغان كولسولخانىسىغا كىرىشىگە توسالغا بولۇپ، مىنىستىرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. گوللاندىيە ساقچىلىرى گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن گوللاندىيەدىكى تۈركلەرگە، ئات ۋە ئاپشاركىلار بىلەن زەربە بەردى. ئەنقەرە گوللاندىيەنىڭ بۇ ئىرقچىلىق قىلمىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا كېڭىشىگە ئەرز قىلىدۇ. تۈركىيە  1961-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەرزنامە سۇنىدۇ.»

رۇسىيەدىكى رادىيو ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «چاۋۇشئوغلۇ:ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلمىسا، كۆچ ئەھدىنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ  روھىي بويىچە ئىش تۇتىمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:«تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلمىسا، كۆچ ئەھدىنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ  روھىي بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:<ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنى ئىزچىل كولدۇرلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. سەۋرىمىزنىڭ چېكى بار، پۇقرالىرىمىزمۇ ۋىزا بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى كۈتۈۋاتىدۇ، ۋىزا بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنمىسا كۆچ ئەھدىنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ  روھىي بويىچە ئىش تۇتىمىز. چۈنكى ئەھدىنامىنىڭ ئاساسلىق روھىي مۇنداق: كۆچ، كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ۋىزا بەلگىلىمىسىدىن ئىبارەت.>تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە زېممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ:<بىز ھازىرغىچە ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلدۇق. ئەھدىنامىدە كۆرسىتىلگەن شەرتلىرىگە رىئايە قىلدۇق. ياۋروپا ۋىزا مەسىلىسىدە بىزنى كولدۇرتمىسۇن، بولمىسا بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز>دېدى.»

مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان تاراتقۇ ئورگىنى Euronews «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: ياۋروپا ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيەنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ بەدەلسىز قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئەردوغان يەنە گوللاندىيەنىڭ قىلمىشىنى خەلقئارا سوت ئورگانلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:<ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىمىز. بارلىق مىنىستىر دوستلىرىمىز ئالاقىدار ئورگانلارغا مۇراجائات قىلىدۇ، مەن بۇ ئورگانلارنىڭ قانداق قارار بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، بىراق بىز قانۇن ۋە پىرىنسىپ بويىچە ئىش تۇتايلى، ئۇلار خالغىنىنى قىلسۇن. ئەھۋالغا قاراپ بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنى بويىچە ئىش قىلىمىز.»

ئەزەربەيجاندىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى trend new agency «گىرېتسىيە تۈركىيەنى قوللىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:«گىرېتسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مەسئۇلى تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى يورگو لاترپگالوس، گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان كايانىڭ زىيارەتلىرىگە توسالغۇ بولغانلىقى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى:<تۈركىيە مەسئۇللىرى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى مەزگىللىرىدە تىراكيادا زىيارەتتە بولاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ زىيارىتىگە توسالغۇ بولۇشنىڭ بىرمۇ يوللۇق سەۋەبى يوق، ياۋروپادا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بۇزىدىغان سۈركىلىشلەرنى ئۇلغايتىش توغرا ئەمەس.»

ئامېرىكىدىكى Associated Press (AP) خەۋەر ئاگېنتلىقى «غەربنىڭ فاشىزىم ۋە ناتسىزىم سىنىقى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:«تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ دىموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بولغان ئۆز پۇقرالىرى بىلەن دېدارلىشىشىغا، ئۆز زېمىنى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە كونسولخانىسىغىمۇ كىرىشىگە يول قويمىغان گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناتسىست ۋە فاشست قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گوللاندىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە گوللاندىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنقەرەنىڭ گوللاندىيە ئەلچىسىنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ:<ئەقلىمىزدە باشقا قەدەملەرمۇ بار، بۇلارنى پىلانلىۋاتىمىز، بۇ قەدەملەرنى چوقۇم تاشلايمىز.>دېدى»

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «گوللاندىيەگە ئىستىخبارات جەھەتتە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:«گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ گوللاندىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقىدىن كېيىن گوللاندىيەگە ئىستىخبارات جەھەتتە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. تۈركىيە مىنىستىرلىرى گوللاندىيەنىڭ ئادانادا پاترويىت باتارىيەسى بارلىقىنى ۋە 2013-يىلى ئۆكتەبىردە باش مىنىستىر مارك رۇتنىڭ بۇ جاينى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشتى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا چىققان خەۋەرلەردە پاترويىت باتارىيەسى بولغان جاينى گوللاندىيەلىك مەسئۇللارنىڭ بىر مەزگىل زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنداقلا، بارلىق ھەربىي ۋە ئالاھىدە ئايروپىلانلارغا تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىۋېتىش ئېمبارگولار ئىچىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر