چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 25.01.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

658969
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 25.01.2017

ئىتالىيەدىكى ئانسا گېزىتى «رۇسىيە،ئىران ۋە تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران سۈرىيەدە ئورتاق ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالاشتى. قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنى تەشكىللىگەن ئۈچ دۆلەت ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىش ئۈچۈن <نوپۇزى>نى ئىشلىتىشكە ۋەدە بېرىشتى.  ئورتاق خىتابنامىدە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قائىدە-پىرىنسىپلار ئاساسىدا تىنچ ھالدا ھەل قىلىنىش كېرەكلىكى، سۈرىيەنىڭ <زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە مۇستەقىللىقىغا>ھۆرمەت قىلىنىش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئۈچ دۆلەت يەنە مەزكۇر خىتابنامىدە  8-فېۋرالدا شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىچكى مۇزاكىرىلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، دائېش بىلەن فەتىھ ئەل شامغا ئوخشاش سۈرىيەدىكى تېررورچى گۇرۇھلارغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىردەك تەكىتلەشتى.»

ئىراندىكى ئىرنا ئاگېنتلىقى «رۇسىيە ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئاستانا مۇزاكىرىلىرى توغرۇلۇق ئۆتكۈزگەن كېڭەشلىرى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: « رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تۈرك مەنسەبدېشى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاستانادا سۈرىيەلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: <لاۋروۋ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيە دۆلىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە دىئالوگلارنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ تولىم مۇھىملىقىنى تەكىتلىشىپ، سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ  سۈرىيەلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى>. لاۋروۋ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ مۇزاكىرىلەرنى ئوڭۇشلۇق چاقىرىش ۋە جەنۋەدە سۈرىيە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سۈرىيەلىك تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.»

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى «ئەردوغان ئافرىقىنى فەتھۇللاھچىلاردىن ئاگاھلاندۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تانزانىيە زىيارىتىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئورتاق كۈرەشكە چاقىردى. ئەردوغان تانزانىيە پىرېزىدېنتى جون ماگۇفۇلى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنۇلارنى دېدى:<قولىمىزدا ھۆكۈمىتىزنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ جىم تۇرمىغانلىقى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلار بار>. نۆۋەتتە 15-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قىلمىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان دۆلەت دۈشمىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ھېلىھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھىمايە قىلىنماقتا. ئەردوغان مائارىپ، سودا، ياردەملىشىش، ساخاۋەت ۋە  مۆتىدىللىققا ئوخشاش گۈزەل ئۇقۇملارنى سۈيئىستېمال قىلىپ، يوشۇرۇن تەشكىلاتلانغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى پۈتكۈل دۇنيانى ئاگاھلاندۇرماقتا، ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە موزامبىكقا كەلگەن ئەدوغاننىڭ يەنە بىر زىيارەت بېكىتى ماداغاسقار بولىدۇ.»

رۇسىيەدىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى Ria Novosti «ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشىنى ياقلايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ۋە ۋاقىتلىق ئەزالىرىغا بولغان بېسىمنى يوق قىلىش ئارقىلىق بارلىق كېڭەش ئەزالىرىنىڭ نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تەرىقىدە كېڭەشنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى:<دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بىرلىشىشكە ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى 193 ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنىڭ دائىمىي ئەزالار قاتارىدا نۆۋەت بىلەن ئورۇن ئالىدىغان ۋە پۈتكۈل ئەزالار ۋەكىللىك ھوقۇققا ئىگە بولىدىغان تەرىقىدە قايتىدىن تەشكىللەشكە چاقىرىمەن>. ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: <كېڭەشتە پەقەت 20 دۆلەتلا ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە، ئىككى يىلدا بىر 10 دۆلەت ئالمىشىدۇ، ئارقىدىن يەنە 10 دۆلەت ئالمىشىدۇ. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بۇنى قىلمىساق قەتئىي بولمايدۇ>.»

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى Deutsche Welle «دائېشقا قارشى تۈرك-رۇس ئىتتىپاقى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشى سەۋەبىدىن ئەنقەرە-موسكۋا مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغان بولسا، ھازىر تۈركىيە ۋە رۇسىيە  تۇنجى قېتىم ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى. مۇتەخەسىسلەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇرۇن سۈرىيەدە بىر-بىرىگە قارشى سەپتە تۇرغانلىقلىرىنى، نۆۋەتتە بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتپ تولىمۇ مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشىلاتى ناتو، رۇسىيەگە قارشى شەرقىي ياۋروپادا نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسا، رۇسىيەنىڭ ناتو ئەزاسى بولغان تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا دائېشقا قارشى تەشكىل قىلىنغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىمىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ غەرب دۆلەتلىرىگە بۇ سىگناللارنى بېرىپ كەلمەكتە.»

رۇسىيەدىكى Tass خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەردوغان ترامپ بىلەن ئوتتۇراشەرق مەسىلىسىنى كېڭەش قىلىشقا تەييار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى كېڭەش قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: <ھۆرمەتلىك دونالد ترامپ ھەر خىل باياناتلارنى بېرىپ كەلمەكتە، بىز ئۇنىڭ باياناتلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئوتتۇراشەرق نۆۋەتتە ئېغىر پاجىئە ئىچىدە تۇرماقتا، دونالدنىڭ ئوتتۇرا شەرق توغرۇلۇق بەرگەن بەزى باياناتلىرى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. بىز ئوتتۇراشەرقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىنىشىنى ياقلايمىز. بۇ مەسىلىلەر ئوبدان كېڭەش قىلىنىشى لازىم. ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويىمەن>. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە نوپۇزلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، رايون بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تەرەپلەرنىڭ قارارلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قارارلارنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر