چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 19.10.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

592611
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 19.10.2016

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگانلىرىدىن DW «بىنالى يىلدىرىم: تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش قىسىملار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدا پىكىر بىرلىكى بار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «بىنالى يىلدىرىم مۇسۇلنىڭ دائېشتىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن قوزغالغان ھەربىي ھەرىكەتتە تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش قىسىملاردىن ئورۇن ئېلىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى بارلىقىنى ئېيتتى. بىنالى يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ: <ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز تەكىتلىگەندەك، ھەربىي ھەرىكەتتىمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىمۇ بولىمىز، دېگەن سۆزىنىڭ كەينىدە تۇرىمىز> دېدى. ئۇ يەنە <پىلان تۈزۈلدى، ھېساب-كىتابلار قىلىندى، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھەر قانداق ئەھۋال پەيدا بولسا دەرھال تەدبىر ئېلىنىپ تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ>دېدى.»

فىرانسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى AFP « تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىدە ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئەنقەرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار تۈزگەن كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە مۇسۇلنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىك بۈگۈن بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: <ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىدە ئورۇن ئېلىشى مەسىلىسىدە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بىلەن كېلىشتۇق>. رىمدىن قايتىش سەپىرىدە بايانات بەرگەن ئىشىك يەنە مۇنداق دېدى: <تۈركىيە بولماي تۇرۇپ مۇسۇلنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق قارار بېرىش مۇمكىن ئەمەس>.»

ئەنگلىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى رويتېرىس «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى: ۋىزا كېلىشىمى ھاسىل بولمىسا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرى توختاپ قالىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى رويتېرىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە تۈركلەر ئۈچۈن ۋىزاسىز ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە ئەنقەرەنىڭ قانۇنسىز كۆچۈشنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى بېكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك ئەنقەرەدە: <ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ بۇ شەرتنى تېڭىش ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىشقا توسالغۇ بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز>دېدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەگە قانۇنسىز ھالدا كەتكەن كۆچەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ <بۇنداق ئەھۋالدا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى بويىچە ئىش تۇتمايمىز، زۆرۈر تېپىلسا بېكار قىلىۋىتىمىز>دېدى. »

ئەنگلىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى رويتېرىس «تۈركىيە مۇسۇلدىن قاچىدىغان يۈز مىڭلارچە كىشىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش بايانات بېرىپ، دائېشنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئامېرىكا تەرىپىدىن قوزغىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر مەزھەپ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىن كېلىدىغان يۈز مىڭلارچە مۇساپىرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كۇرتۇلمۇش ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ <ئەگەر مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىگە توغرا قومدانلىق قىلىنىسا تۈركىيەگە كۆچۈش بولمايدۇ. بىراق ئەگەر مۇسۇلدا خاتالىق سادىر بولسا يۈز مىڭلارچە ئادەم كۆدۈ-كۆپىسىنى ئېلىپ كۆچۈشكە باشلايدۇ، خاراب بولىدۇ، ئۇلار بارالايدىغان يېگانە دۆلەت تۈركىيەدۇر>دېدى.»

قاتار مېدىيا ئورگىنى ئەل جەزىرە «مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى باشلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئىبادى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مۇسۇلنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتىن كېيىنلا پەشمەرگە كۈچلىرى مۇسۇلنىڭ شەرقىدىن، ئىراق ئارمىيەسى جەنۇبتىن ھەرىكەتكە ئۆتتى. سابىق مۇسۇل ۋالىيسى نۇجەيفى تۈرك ئەسكەرلىرى ھەربىي تەلىم بەرگەن نىنوۋا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭمۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر