چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە 21.05.2014

70616
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە 21.05.2014

 
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سومادىكى ئېچىنىشلىق پاجىئە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. چەت ئەللەرنىڭ گېزىت، رادىيو – تېلېۋزىيەلىرى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن چوڭ پاجىئەگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن (The New york Times) گېزىتى، بىرىنچى بىتىدە، «تۈركىيە ماتەم تۇتىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى. باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن يۈزلىگەن كىشى ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە تۈركلەرنىڭ دەردىگە ئورتاق بولغانلىقىلىرىنى يازدى. تاراتقۇلاردا «تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىل» دەپ تېمىلار ئېچىلدى. قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ پۈتۈن گېزىت، رادىيو- تېلۋېزىيەلىرىمۇ تۈركىيەدىكى كان پاجىئەسىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
شەرق گېزىتىنىڭ، «تۈركىيە يىغلاۋاتىدۇ» سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە «ئەي تۈركىيە! دەرتلىرىڭنى ئورتاقلاشماقتىمىز، سەۋر – تاقەتلىك بولغىن!» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
مۇساۋات گېزىتىمۇ «قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە ماتەمدە» دېگەن سەرلەۋھىنى ئىشلەتتى.
گېرمانىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋزىيەسى (ARD) كان ۋەقەسى ھەققىدە ھەم نەق مەيدان، ھەم مەخسۇس ئىشلىگەن پىروگراممىلارنى تارقاتتى.
گېرمانىيەنىڭ گېزىتلىرىدە بولسا، بۇ ئازاپلىنارلىق ھادىسە ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەمدە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ياپونىيە ۋە جۇڭگو دۆلەت تېلېۋزىيەلىرىمۇ مۇخبىرلارنى سوماغا ئەۋەتىپ، جەريانلارنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى.
تۈركىيەدىكى كان پاجىئەسى قىبرىس (سىپرۇس) رۇم تەرەپ ھاكمىيىتىنىڭمۇ ئاخباراتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. "ساقچى گېزىتى" «دەردىڭلارغا ئورتاقمىز» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.
<p>(Bloomberg) ئىقتىساد قانىلى تۈركىيەنىڭ بارغانچە ياخشىلىىنىۋاتقان تاشقى سودىسىنىڭ لىرانى ئەسلىدىكى ناچار ھالىتىدىن دۇنيادىكى نوپوزلۇق پۇل بىرلىكىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
قانالنىڭ خەۋىرىدە 30 – مارتتىكى يەرلىك سايلاملاردىن بۇيان لىرانىڭ %5.7 ئەتراپىدا قىممەت يارىتىپ، (Bloomberg) ئىقتىساد قانىلى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىۋاتقان 170 پۇل بىرلىكى ئىچىدە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن پۇل بىرلىكىگە ئايلانغانلىقى قەيت قىلدى.
تۈركىيە 2013 – يىلدا "ماۋى ئېقىم" ۋە "غەربىي كارىدور" تەبىئىي گاز تۇرۇبا لېنىيەلىرىدىن 26 مىليارد 610 مىليون كۇب مېتېر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغان ئىدى.
رۇسىيەدە چىقىدىغان (Vesti) گېزىتى، ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەرنىڭ ياۋروپا ئېنېرگىيە ساھەسىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلمەكچى بولغان ئېمبارگو ئېھتىمالىنىڭ بولسا، ئاساسلىق ئېھتىياجىنى (Gazprom) شىركىتى ئارقىلىق قامداپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتلەرنى باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋېلىش يولىنى تېپىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى يازدى.
خەۋەردە، بۇ گىئوپولىتىكىلىق سۈركىلىشنىڭ ئوتتۇرىدا قالغان تۈركىيەنىڭ 2013 – يىلىدا "ماۋى ئېقىم" ۋە "غەربىي كارىدور" تەبىئىي گاز تۇرۇبا لېنىيەلىرى ئارقىلىق 26 مىليارد 610 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئېمپورت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركيىەنىڭ گېرمانىيەدىن قالسىلا ياۋروپا رايونىدا رۇسىيە گازىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنىڭمۇ 3 ھەسسە چوڭايغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر