قاراپىنار چۆلى

بىلىۋېلىڭ - 38

1831719
قاراپىنار چۆلى

قاراپىنار چۆلى

تۈركىيەنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە بىر قۇملۇق بارلىقىنى بىلەمسىز؟

            تۈركىيەنىڭمۇ ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان رايونى ھېسابلىنىدىغان «قاراپىنار» ئوتتۇرا ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان كونيا ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسىدۇر. 1950 – يىللاردا يۈز بەرگەن شامالنىڭ ئېقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 103 مىڭ گېكتار يەر قۇرۇپ كەتكەن ۋە قۇملۇق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، قاراپىنار «چۆل» گە ئايلانغان.

«قارپىنار چۆلى» دۇنيادىكى يېشىللىق ساھەسى ئەڭ كۆپ چۆللەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1959-يىلى، تۈرك ئىنژېنېرلىرى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن رايوننى قۇتقۇزۇش لايىھەسى باشلاندى. قاراپىنار مۇۋەپپەقىيەتلىك يېشىللاشتۇرۇش لايىھەسى سايىسىدا دۇنياغا ئۈلگە بولماقتا. يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن چۆلگە ئايلانغان ساھەلەر،  ئىلگىرى پۈتۈنلەي قۇم بارخانلىرى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ساھەدە چۆللىشىشكە قارشى  كۈرەشنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە بىر ئېگىزلىك، دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ئورمانلىق ۋە يايلاق بار. تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ مىسلىسىز  كۈرەشنى كۆرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن تەتقىقاتچىلار كېلىپ، بۇ رايوننى زىيارەت قىلىدۇ.

تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان قاراپنار، ھەم چۆلى ھەمدە قۇرۇلما كۆللىرى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ تەبىئەت مۆجىزىسى، تۈركىيەدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار سەيلىسى قىلىنىدىغان نادىر جايلاردىن بىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر