تەنتەربىيەدە تۈرك ئاياللىرى

دىدەم گۈنەرى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تەنتەربىيەدە تۈرك ئاياللىرى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1703240
تەنتەربىيەدە تۈرك ئاياللىرى

تۈركىيەدە ئاياللارنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە تەنتەربىيە تۇرمۇشىغا قەدەم باسقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئاتاتۈركنىڭ تۈرك تەنتەربىيەسىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرىنىڭ بىرى ئايال تەنھەرىكەتچىلەردۇر. تۈرك ئاياللىرى ئاتاتۈركنىڭ ئىسلاھاتلىرى ۋە ئېنىق كۆرسەتمىلىرى سايىسىدا ئۆزىنىڭ تۈرك تەنتەربىيەسىدىكى ئورنىنى ئالدى. ئەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قىزلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئاياللىرى بىلەن باشلانغان بۇ ئۇرۇنۇشلار، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئامما ئارىسىغا كېڭەيدى.

يېنىك ئاتلېتىكا ۋە تېننىس توپ ساھەسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان تۈرك ئاياللىرى، 1926-يىلى تۇنجى قېتىم يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشتى. يېنىك ئاتلېتىكا ۋە تېننىس توپ بىلەن تەنتەربىيە ساھەلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئاياللار، كېيىنچە قولۋاق، قىلىچۋازلىق ۋە سۇ ئۈزۈش تۈرلىرىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتناشقان تۇنجى ئايال تەنھەرىكەتچىلەر 1936-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىلىچۋازلىق تۈرىگە قاتناشقان سۇئات فەتگەرى بىلەن ھالەت چامبەل بولدى. 1992-يىلدىكى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇدو ماھىرى ھۈليا شەنيۇرت ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك ئايال تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالدى. 2004-يىلدىكى ئاتىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىگە قاتناشقان نۇرجان تايلان تۈركىيەنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى ئايال تەنھەرىكەتچىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. توكيو 2020 ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ئايال تەنھەرىكەتچىلىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1 ئالتۇن، 1 كۈمۈش ۋە 3 مىس مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر