ياپونىيەدە 5 قەۋەتلىك يېمەك – ئىچمەك ئىسكىلاتغا ئوت كېتىپ 3 كىشى ئۆلدى

ساقچىلار ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

ياپونىيەدە 5 قەۋەتلىك يېمەك – ئىچمەك ئىسكىلاتغا ئوت كېتىپ 3 كىشى ئۆلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت توكيودا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان چوڭ بىر شىركەتنىڭ شۆبىسىگە ئائىت كۆپ قەۋەتلىك ئىسكىلاتقا ئوت كەتكەن. ئوت كىتىش ۋەقىسىدە 3 كىشى ئۆلۈپ، 1 كىشى يارىدار بولغان.

خەۋەردە، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ئوتا سانائەت رايونىغا جايلاشقان توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىنى 5 يېرىم سائەتتە كونتىروللۇق ئاستغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

توكيو ئوت ئۆچۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىنانىڭ 5قەۋىتىدە باشلانغان ئوت ئاپىتىدە، 4 كىشىنى ئۆگىزىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق قۇتقازغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 

شىركەتنىڭ باياناتىدا، ئوت كېتىش ئەسناسىدا بىر تۇرۇببا ئىشلىرى خادىمىنىڭ تۇرۇببىلاردىن بىرسىنى سۇۋاركا قىلىۋاتقانقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن شەھەردىكى خانېدا ئايرودورۇمىنىڭ ئۇچۇش يوللىرىدىن بىرسىنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر