شاھزادە سەلماننىڭ بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان مەككە زىيارىتى جەريانىدا بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىقتى.

شاھزادە سەلماننىڭ بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدىغان كەبىگە ئالاقىدار لايىھىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن مەككىدە زىيارەتتە بولدى.

مۇھەممەد بىن سەلمان ئەنئەنىۋى كەبەنى تازىلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 600 قوغدىغۇچىسى بىلەن كەبىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، دەسلەپتە ھەجرى ئەسۋەدنى سۆيدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە قۇرۇلغان پەلەمپەي ئارقىلىق كەبىنىڭ ئىچىگە كىردى.

مۇھەممەد بىن سەلمان كەبىنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇپ، بىر پارچە لاتا بىلەن سىمۋول خاراكتېرلىك ئازغىنە تازىلاش قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدى. يەنى بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىقتى. 

شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان كۆرۈنىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئىسلام تارىخىدا ئابباسىيلار دەۋرىدىكى خەلىپىلەردىن ئەبۇ جافەر ئەل مەنسۇرنىڭلا بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىققانلىقى مەلۇم.

بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئومۇمەن يامغۇر ياغقان چاغلاردا تازىلىق ئۈچۈن ۋە ياكى ھەرەمنىڭ تونى ئالمشتۇرۇلىدىغان چاغلاردىلا خىزمەتچىلەر بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر