دائېش ئەزاسى 4 تېررورچى قولغا چۈشتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قولغا چۈشۈرگەن دائېش ئەزالىرىنى ۋە كاتىۋاشلىرىنى پۇل ئېلىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى.

دائېش ئەزاسى 4 تېررورچى قولغا چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن دائېشقا ئەزا 4 تېررورچىنى نازارەتكە ئالدى.

تۇتۇلغان تېررورچىلاردىن ئىككىسىنىڭ رۇسىيەلىك ئىكەنلكىنى بىلدۈرگەن ھاممۇد «تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دائېش ئەزالىرى دەيرىزور رايونىدىن ئىدلىبقا قاراپ يولغا چىققان. تەبىئىي ھالدا ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتىدىكى رايونلاردىن بىخەتەر ئۆتۈپ، رايونىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن. تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك دويرىزوردىكى چەت ئەللىك دائېش ئەزالىرىنى تەسلىم بولۇش ۋە قوللىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا تەۋە ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن ئىدلىبقا ئۆتۈشىگە يول قويۇشنى سودىلاشماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك دائېش ئەزالىرىنى ۋە ئائىلىرىنى تەسلىم بولۇش ۋە ئەسىر ئېلىنغان ي پ گ/ پ ك ك ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ئىدلىبقا ساق - سالامەت ئۆتۈشىگە كاپالەت بەرمەكتە.

بىراق ئىدلىبتىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار دائېش ئەزالىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، شەھەرگە كىرگەن تەقدىردە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قولغا چۈشۈرگەن دائېش ئەزالىرىنى ۋە كاتىۋاشلىرىنى پۇل ئېلىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ: ي پ گ , دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر