ئەردوغان: زالىملارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن بولۇشتى

ئەردوغان: «تۈنۈگۈنكى تۈرك بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا تۈرك، دۈشمەنلىرىمۇ ئوخشاشلا دۈشمەن. ئورنىمىزدا جىم تۈرىۋەرگەن كۈن، چېكىنىشكە باشلىغان كۈنىمىز بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان: زالىملارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن بولۇشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زالىملارغا سۈكۈت قىلمىغان تۈركىيەنى تېررورلۇق ئارقىلىق بۇلۇڭغا قىستىماقچى بولغانلارغا تېتىغۇدەك دەرس بېرىپ قويغانلىقىنى ۋە دەرس بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان كاستامونونىڭ كۈزەيكەنت مەيدانىدا خەلققە خىتاب قىلدى.

ئەردوغان نۇتۇقىدا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈستىدە توختىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا، فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكلاتىغا ئوخشاش سۇيىئىستېمالچى تەشكىلاتلارغا ۋە دائېشقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ لايىھە تەشكىلاتلىرىغا قارشى نەتىجىلىك كۈرەش قىلىۋاتلانقىلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«17 يىللىق ھۆكۈمىتىمىز دائىم مۇشۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتتى. بۆسوپ ئۆتكەن ھەر توسالغۇدىن كېيىن، يېڭى - يېڭى توسالغۇلارغا ئۇچرىدۇق. دۆلىتىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى دائىم بىئارام قىلىشتى. ئۇلار بىزنى بۇلۇڭغا قىستىغانسىرى بىز مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدۇق»

ئەردوغان تاشقى پىرىۋۇت باھاسى ۋە ئۆسۈم ئارقىلىق تۈركىيەنى بۇلۇڭغا قىستىماقچى بولغانلارغا بولسا، يولغا قويغان تەدبىرلىرى ئارقىلىق ياخشى دەرس بېرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىقتىسادتا تەدبىلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە ئۈستىدىن قۇرۇلغان پىلانلار ئىلگىرى قانداق بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق بولماقتا. چۈنكى تۈرك بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا تۈرك، دۈشمەنلىرىمۇ ئوخشاشلا دۈشمەن. ئورنىمىزدا جىم تۈرىۋەرگەن كۈن، چېكىنىشكە باشلىغان كۈنىمىز بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان تۈزۈلگەن سىنارىيەلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى روشەنلەشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىزگە شۇڭا دۈشمەن بولۇشتى. مىللىتىمىز بىلەن بىرگە بولغانلىقىمىز ۋە دۆلىتىمىزنى تىك تۇرغۇزغانلىقىمىز ئۈچۈن دۈشمەن بولۇشتى. زالىملارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغانلىقىمىز، ئادالەتسىزلىكلىرىنى ئۇدۇل يۈزلىرىگە ئۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن بولۇشتى. ئىقتىسادىمىزدىنى كۈچەيتكەنلىكىمىز ۋە ئويۇنلارنى بۈزۇپ، كەلگۈسىمىزنى روشەنلەشتۈرگەنلىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن بولۇشتى. بىز دۇچ كەلگەن بۇ دۈشمەنلىكلەرنى خەلق ۋە مىللەتنىڭ نەزىرىدە بىگۇناھلىقىمىزنىڭ شاھەدەتنامىسى دەپ قارايمىز» دېدى.

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر