پاكىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 4 ساقچى ئۆلدى

پاكىستاندا بىر ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 4 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 4 ساقچى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخا ئۆلكىسىگە قاراشلىق دېرا ئىسمائىل خان رايونىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلغۇچىلار ساقچى پونكىتىنى ئوققا تۇتتى.

ھۇجۇمدا 4 ساقچى ئۆلدى ۋە 1 ساقچىنى قوشقاندا، جەمئىي 4 كىشى يارىدار بولدى.

ساقچىلار يارىدار بولغانلارنىڭ رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچى پونكىتى ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىك چەمبىرى ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر