دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

دوكلاتتا يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە چەت ئەللەرگە قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 6 تېررورچىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىچى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە، يېقىنقى 3 ھەپتىدىن بۇيان 56 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلق بىلەن مۇناسىۋەت ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى ئوفېتسىرى دېڭىز ئارمىيە مىڭ بېشى نادىدە شەبنەم ئاقتوپ خانىم دوكلات بەردى.

يىغىندا يېقىنقى 3 ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە تېررورچىلار ئىشلەتكەن 78 قورال ئىستىھكامى، نۇرغۇنلىغان پاناھجاي، غار ۋە ئىسكىلاتلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىندا يەنە، يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە چەت ئەللەرگە قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 6 تېررورچىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر