قالىن: بىخەتەر رايون تۈركىيەنىڭ كونتىروللۇقىدا بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن سۈرىيەدە بەرپا قىلىنىدىغان بىخەتەر رايوننىڭ تۈركىيەنىڭ كونتىروللۇقىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1126579
قالىن: بىخەتەر رايون تۈركىيەنىڭ كونتىروللۇقىدا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى توغرۇلۇق كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە دۆلىتىمىزگە خىرىس قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش ھەر ساھەدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، تۈركىيە ھەم يۇمشاق كۈچىنى ھەم قاتتىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ھەم سىياسىي ھەم دىپلوماتىك جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەم ساھەدە ھەم سۆھبەت ئۈستىلىدە بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 23 – يانۋار كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش توغرۇلۇق قارار چىقارغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەتنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە كونتىرول قىلىش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.»

ئىبراھىم قالىن  باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەيئىتى بىزگە ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوننىڭ  سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىگە ئالاقىدار رەسمىي كۈچكە ئىگە بولمىغان بىر ھۆججەت بەردى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەھدىت مەسىلىلىرى ئارقىمىزدا قالدى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى نىشانىمىزنى بويلاپ، ئىجابىي كۈنتەرتىپىمىزگە ئاساسەن پائالىيەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز، بىزنىڭ <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بىلەن <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە يامان غەرىزىمىز يوق، شەرتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش نىيىتىمىزمۇ يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر