جەنۇبىي كورېيەدە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ئېچىلدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئېچىلغان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ رەسمىي خىزمەت باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ئېچىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېئۇل يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى بىلەن پايتەخت سېئۇلدىكى ھانكۇك چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئايرىپ بېرىلگەن ئىشخانا رەسمىي خىزمىتىنى باشلىدى.

سېئۇل يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى مەسئۇلى ئۆزگۈر جان يىلدىز، تۈركىيەنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەرسىن ئەرچىننى ئىنستىتۇتنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن زىيارەت قىلدى.

باش ئەلچى ئەرچىن قىلغان سۆزىدە، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ سېئۇلدا پائالىيەت باشلىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ سېئولدا سىستېمىلىق ھالدا تونىتىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

باش ئەلچى ئەرسىن ئەرچىن مۇنداق دېدى:

كورېيە تۈركىيەنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى قېرىنداش دەپ قارايدۇ. كورېيەدە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى بىرىنچى بولۇپ مۇنداق ئىككى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىرىنچىسى، تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىنى لايىقىغا يارىشا تونۇشتۇرۇش، تۈركىيەگە ئالاقىدار مەلۇمات ۋە تونۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش. ئىككىنچىسى، كورېيەدە مەدەنىيەت تونىتىش ساھەسىگە سىڭىپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق پائالىيەتلەرنى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا نۆلگە چۈشۈرۈش.

ئىنستىتۇت مەسئۇلى ئۆزگۈر جان يىلدىزمۇ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ يانۋار ئېيىدىن باشلاپ سېئۇلدا رەسمىي پائالىيەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىنسىتىتۇتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى 1200 دىن ئارتۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۆزگۈر جان يىلدىز ئاساسىي مەقسەتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ۋە تۈركىيەگە قىزىقىدىغان كىشىلەر سانىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر