دۇنيانىڭ شاھمات پادىشاھى مۇئەييەنلەشتى

شاھمات دۇنياسى قاتتىق تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ ھاياجانلىق شاھمات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرىلاشتى.

دۇنيانىڭ شاھمات پادىشاھى مۇئەييەنلەشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا شاھمات چېمپېيونلۇقىنى تاشلىشىش مۇسابىقىسىدا نورۋېگىيەلىك شاھمات ماھىرى ماگنۇس كارلسېن ئامېرىكا ماھىرى فابىئانو كۇرانا بىلەن رىقابەتكە چۈشتى.

ماگنۇس كارلسېن باراۋەرلىك بىلەن ئاخىرىلاشقان 12 نورمال ئويۇندىن كېيىن، «Armageddon» دېيىلىدىغان تىز سۈرئەتلىك ئويۇندا، رەقىبىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

27 ياشلىق نورۋېگىيەلىك شاھمات ماھىرى ماگنۇس كارلسېن شۇنداق قىلىپ 4قېتىم دۇنيا چېمپېيونى بولدى.

شاھماتنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ماھىرى دەپ تۇنۇلغان ماگنۇس كارلسېن بۇ نەتىجىسى بىلەن 550 مىڭ ياۋرو مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئامېرىكا ماھىرى فابىئانو كۇرانا بولسا، 450 مىڭ ياۋرو مۇكاپات ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر