تالىبان بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، 40 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

تالىباننىڭ ھەربىي بازىدىكى بارلىق قورال – ياراق، ئوق – دورىلارنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى ۋە ھەربىي بازىنىڭمۇ تالىباننىڭ كوتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

1088739
تالىبان بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، 40 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراھ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بالا بۇلۇق ناھىيەسىدە، تالىباننىڭ بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، 40 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فەراھ ۋىلايەتلىك شورا ۋەكىلى ھائىر مۇھەممەد نۇرزەي، ناھىيەدىكى ھەربىي بازىغا تۈنۈگۈن كەچتە تالىباننىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ھەربىي بازىدىكى بارلىق قورال ياراق، ئوق دورىلارنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد نۇرزەي ھەربىي بازىنىڭمۇ تالىباننىڭ كوتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد نۇرزەي ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا تالىبان تەرەپتىنمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تالىباننىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، ھۇجۇمغا ھەربىي بازىدىكى تالىبان بىلەن يېقىن مۇناسىىۋىتى بولغان 6 ئەسكەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر