جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10- 11 – نويابىر كۈنلىرى فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1080319
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا 1918 – يىلى 11 – نويابىر كۈنى «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تۈزۈلگەندىن كېيىن، «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» نى ئاخىرلاشتۇرغان «ئۇرۇش توختىتىش كۈنى» نىڭ 100 – يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ دائىرىدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قاتارلىق 80 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان  مۇراسىملارغا، تۈركىيەگە ۋەكالىتەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشتىراك قىلىدۇ.

زىيارىتىدە، تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان «پارىژ تىنچلىق مۇنبىرى» يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون قاتارلىق بەزى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر