بۈگۈن «<29 – ئۆكتەبىر> جۇمھۇرىيەت بايرىمى»

« جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن «<29 – ئۆكتەبىر> جۇمھۇرىيەت بايرىمى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تۈركىيەدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىيە ۋاكالەتخانىلىرىدا تۈرلۈك مۇراسىملار ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلاۋاتىمىز.

1923 – يلى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى توپ ئېتىشلىرى بىلەن تەڭ ۋە چەكسىز  شاد – خۇراملىق ئىلكىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇشى ۋە دۆلەت زېمىنلىرىنىڭ غالىب دۆلەتلەر تەرىپىدىن تالان – تاراج قىلىنىشى، دۆلەتنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى، خەلقنى چەكسىز قايغۇغا سالدى.

 «كۇۋايى مىللىيە/مىللىي ئەترەتلەر» سۈپىتىدە تەشكىللەنگەن ۋە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە بىرلەشكەن «مىللىي كۈچلەر «ئازادلىق ئۇرۇشى» نى باشلىدى.

«تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلار چوقۇم تۈرك رايونلىرى پېتى قېلىشى كېرەك» پىكرىگە ئاساسەن باشلانغان مىللىي  كۈرەش نەتىجىسىدە، 1922 – يىلى 30- ئاۋغۇست كۈنى «<باش قوماندانلىق> مەيدان ئۇرۇشى» دا شانلىق زەپەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن، ئىشغالچى كۈچلەر ھازىرقى تۈركىيە تېرروتېرىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

ئالدى بىلەن، «تىنچلىق سۆھەتلىرى» ئارقىلىق ئىشغال ئاستىدىكى ئىستانبۇلنىڭ ئازاد قىلىنىشى، ئاندىن، «لوزان كېلىشىمى» نىڭ ھاسىل قىلىنىشى بىلەن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى، بۇنىڭ ئورنىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىدى.

1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، پۈتكۈل جاھانغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە ئەنقەرەنىڭ پايتەختكە ئۆزگەرتىلگەنلىكى جاكارلاندى.

جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەۋاتقان بۇ شانلىق كۈندە،  رەھبىرىمىز مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ  قەھرىمانلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر