05.10.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

05.10.2018

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن ئىدلىب كېلىشىمى نەتىجىسىدە چوڭ بىر كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاۋستىرىيەنىڭ «Die Presse» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدىن كېيى تېخنىكا شىركىتى «Siemens» نىڭ تۈركىيەگە يېڭى مەبلەغلەرنى سالىدىغان بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدە تىببىي ئەسلىھە ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئامېرىكىنىڭ «Associated Press» خەۋەر ئاگېنتلىقى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىستىرا تېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى مۇنبىچ شەھىرى ئەتراپىدا، بەلكى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىرلىكتە چارلاشنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ «ANSAmed» ئاخبارات تورى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئىستانبۇلدا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىقتىسادتا يولغا قويغان تەببىرلەر ئارقىلىق تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق زورىيىۋاتقانلىقىنى، سېنتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن خۇشاللىقنارلىق سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۈچلەندۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سېلىشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق تەتۈر تەشۋىقاتلارنى بىر تەرەپ قىلالىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ كولىن شەھىرىدە ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ جامەنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، جامەنىڭ قۇرۇلۇشىغا كەتكەن مەبلەغنىڭ بولسا، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك ئىسلام بىرلىكى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Deutsche Welle» مېدىيا ئورگىنى، 24ئىيۇندىكى سايلاملارنىڭ ئارقىدىن تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ۋە يېڭى تۈزۈمدىكى يېڭى پارلامېنتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىزمەت باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ خەلقئارالىق خىتاي رادىيوسى «CRI»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ۋولقان بوزقىرنىڭ باياناتىدا، كامبودژانىڭ ئەنقەرەدە ئەلچىخانا ئېچىشىغا ئالاقىدار قارارنىڭ ماقۇللىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «Parstoday» رادىيو تېلېۋىزىيە تورى، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ پارنىك ۋە زەپەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئورتاق لايىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

ئەنگلىيەدە ئەرەبچە چىقىدىغان «Eş-Şark El-Avsat» خەلقئارالىق گېزىتى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دائېش قانداق ئىسانىيەتكە زىت مەقسەتلەرگە ئىگە بولغان بولسا، ياۋروپادىكى رادىكال ئوڭچىلارنىڭمۇ شۇنداق ئىنسانىيەتكە زىت مەقسەت ۋە قىلمىشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر