تۈركىيە باكۇنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باكۇنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1050135
تۈركىيە باكۇنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «باكۇنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، باكۇنى ئازاد قىلىش يولىدا ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغان 1132 شېھىدىمىز بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.»

باياناتتا، 15 – سېنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجان مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىلگەن نۇرى كىللىگىل پاشا قوماندانلىقىدىكى «كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى» باشچىلىقىدا باكۇنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى تەبرىكلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «<كاۋكاز ئىسلا قوشۇنى> ۋە بۇ مەنىلىك 100 – يىل تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ <ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت> ئېڭى دائىرىسىدىكى مەڭگۈ يىمىرىلمەس بىرلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. باكۇنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەن، شۇ دەۋردە پايتەخت جەنجەدىن باكۇغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش يولى ئېچىلغاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەزەربەيجاننىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلغاندۇر. <بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى> نىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا تاللانغان ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ۋە ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىلگەن <كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى> قولغا كەلتۈرگەن بۇ زەپەرنىڭ 100 – يىللىقى، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ھەم ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.»

باكۇنىڭ ئازاد قىلىنىشىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باكۇدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىشتىراك قىلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ پائالىيەتلەرگە تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر