تۈركىيە ئارمىيەسى مۇنبىج لىنىيەسىدە جىددىي چارلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى فىرات قالقىنى ھەرىكەت ساھەسى بىلەن مۇنبىچ لىنىيەسىدە 44 – نۆۋەتلىك چارلاش ۋەزىپىسنى ئىجرا قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى مۇنبىج لىنىيەسىدە جىددىي چارلاش ئېلىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ساھەسى بىلەن مۇنبىچ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان لىنىيەدە بۈگۈن 12 سىنتەبىر كۈنى 44نۆۋەتلىك ماسلاشقان ھالدا مۇستەقىل چارلاش ۋەزىپىسى ئورۇندالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇنجى قېتىملىق چارلاش خىزمەتلىرى 18ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر