ئافغانىستاندا بىر ئادەم بومبا نامايىشنى قان كۆلىگە ئايلاندۇردى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىش جەريانىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

ئافغانىستاندا بىر ئادەم بومبا نامايىشنى قان كۆلىگە ئايلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 19 كىشى ئۆلدى.

نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوگيانى دەھكاي رايونىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان ئادەم بومبىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا 19 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 57 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھوگيانى نامايىشنىڭ يېزىدىكى بەزى فوغدىغۇچى قىسىم قوماندانلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر