رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېر باشلاندى

رۇسىيە ئارمىيەسى رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مانىۋېر ھېسابلىنىدىغان «Vostok-2018» مانىۋېرىنى باشلىدى. مانىۋېرغا 300 مىڭغا يېقىن ئەسكەر قاتنىشىدۇ.

رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېر باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيەنىڭ شەرقىي قۇرۇغلۇقىدا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە 17سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان «Vostok-2018» مانىۋېرىغا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگونىڭ قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «مانىۋېرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ھەربىي ئىدارە ئورگانلارنىڭ پىلانلاشتىكى تەييارلىق سەۋىيەسىنى بەلگىلەش، ئۇزۇن مۇساپىلەردە قىسىملارنىڭ قايتىدىن گۇرۇپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قۇرۇغلۇق قىسىملىرى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى رەتكە سېلىش، قوماندانلار بىلەن قىسىملارنىڭ تەييارلىق ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدىكى قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر» دېيىلدى.

مانىۋېرنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، دەسلەپكى باسقۇچتا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن ھەر قايسى قىسىملارنى رۇسىيەنىڭ شەرقىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلاردىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بولسا، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككىنچى باسقۇچتا قوماندانلارنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىدە ئوخشاش بولمىغان قىسىلار ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنگەن باشقۇرۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىنىدىغانلىقى، پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي رايوندىكى مەشىق مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

مانىۋېردا شەرقىي ۋە مەركىزىي ھەربىي رايوندىكى قىسىملار بىلەن شىمالدىكى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. تىسۇگول مەشق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانىۋېرغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھەربىي مانىۋېرنىڭ 1996يىلى 26 - ئاپرېلدا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاي بىرلىكتە چېگرا رايونلاردىكى ھەربىي مەيدانلاردا ئۆتكۈزگەن شۇنداقلا بىخەتەرلىكنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە تولۇق ماس ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«Vostok-2018» مانىۋېرىغا 300 مىڭغا يېقىن ئەسكەر، 1000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، تىك ئۇچار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتلىرى، 36 مىڭغا يېقىن تانكا، برونوۋېك ۋە باشقا ھەربىي تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىرگە 80 گە يېقىن پاراخوتمۇ قاتنىشىدۇ.

«Vostok-2018» مانىۋېرى سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە 1981يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «Zapad-81» مانىۋېرىدىن كېيىن، رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئەسكەر قاتناشقان ھەربىي مانىۋېرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر