دونالد ترامپ ئۆزى ھەققىدە يېزىلغان كىتابقا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزى ھەققىدە ژۇرنالىست بوب ۋۇدۋارد تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابقا نارازىلىق بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئۆزى ھەققىدە يېزىلغان كىتابقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى تۋىتتېردا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، بۈگۈن بازارغا سېلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغان «قورقۇنچ؛ ئاقسارايدا ترامپ» ناملىق كىتاب ئۈستىدە توختالدى.

دونالد ترامپ: «ۋۇدۋاردنىڭ كىتابى تولىمۇ تۇترۇقسىز. ماڭا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ پەقەتلا بىرسى، ھۇجۇم يامغۇرى» دېدى.

دونالد ترامپ تۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا، «ئىسمى نامەلۇم، مەخپىي كىشىلەرنى مەنبە كۆرسىتىدۇ. كىتابدا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. دېموكراتچىلار يېڭىلگەنلىكلىرىنى سىڭدۈرەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك. ھەقىقىي كىتابنى مانا مەن يازىمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

كىتابنىڭ يازغۇچىسى بوب ۋۇدۋاردمۇ ئامېرىكىنىڭ «NBC News» قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا تېلېفون بىلەن قېتىلىپ، كىتابدا دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋۇدۋارد كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس بىلەن ترامپنىڭ ئالاھىدە مۇدىرىيەت ئىشخانىسى باشلىقى جون كېللىينىڭ ترامپقا ھاقارەت قىلغانلىقىغا دائىر سۆزلەرگە ئاداققىچە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋۇدۋارد ماتتىس بىلەن كېلىينىڭ بۇ سۆزلەرنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ھەقىقەتنى سۆزلىمەيۋاتىدۇ. بۇلار سىياسىي مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلىرىنى قوغداپ قىلىشنىڭ كويىدا. شۇڭا رەت قىلىشلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ» دېدى. 

ۋۇدۋارد كىتابىدا، جىم ماتتىسنىڭ ترامپقا قارىتىپ: «كورېيە يېرىم ئارىلىدا بولغان ئىشلارنى چۈشىنىش سەۋىيەسى باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىدە» دېگەنلىكىنى، كېللىينىڭمۇ ترامپ ھەققىدە: «ئەخمەق» دېگەنلىكىنى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بولسا، «تەلۋە شەھەر» دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر