ئىران پىرېزىدېنتىغا ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغان كىشىلەر نازارەتكە ئېلىندى

ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە بىر پىروگراممىدا كۆتۈرۈپ چىققان لوزىنكا ئارقىلىق ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىغا ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 5 شىئە دىنىي رەھبەر نازارەتكە ئېلىندى.

ئىران پىرېزىدېنتىغا ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغان كىشىلەر نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن دىنىي زاتلار ئالاھىدە سوت مەھكىمىسىگە ئەرزنامە يوللانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئاي قۇم شەھىرىدىكى فەۋزىيە مەدرىسىسى ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان بىر پىروگراممىدا، روھانىغا قارشى لوزىنكا كۆتۈرۈپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 5 نەپەر دىنىي رەھبەر نازارەتكە ئېلىندى.

مەزكۇر لوزىنكىدا سابىق پىرېزىدېنت ھاشىمى رەفسانجانىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىگە ئوخشاپ كىتىدىغان شەكىلدە، «ئى سوزى مۇزاكىرىلەردىن باشقا نەرسە بولمىغان كىشى! كۆل سېنى كۈتىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنىڭ يېزىلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەسەن رۇھانىغا ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

سابىق پىرېزىدېنت ھاشىمى رەفسانجانى 2017يىلى دېكابىردا، كۆلدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھاشىمى رەفسانجانىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى دەسلەپتە «يۈرەك سانجىقى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، رەفسانجىنىڭ قىزى ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ تەبىئىي ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە ئېنىقسىزلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھاشىمى رەفسانجانى دىندارلارغا پەرۋا قىلماستىن غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا قاتتىق تىرىشچانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلار ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، لوزىنكىغا يېزىلغان سۆزلەر، «ھەسەن رۇھانىغا بەزى ئەسلىيەتچىلەر تەرىپىدىن سېلىنغان ئۆلۈم تەھدىتى» دەپ قوبۇل قىلىندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر