ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ

بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر.

ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ

ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 52 – 58 – ئايەتلەر.  ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[52]. ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)[53]. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن[54]. (بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز[55]. (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»[56]. ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ۋەھىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر»[57]. ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ[58].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر