تۈرك شىركەتلىرىنىڭ < F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىشقا قوشقان تۆھپىلىرى

تۈرك شىركەتلىرى  « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاكاز قىلغۇچىلارغا ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

1044630
تۈرك شىركەتلىرىنىڭ < F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىشقا قوشقان تۆھپىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنى لايىھە سىرتىدا قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىدە تۈرك شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ موتورىغىچە 19 نۇقتىسىدا 7 تۈرك مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ ھەسسىسى بار بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ مۇھىم پارچىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تۈرك شىركەتلىرى،  « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە زداكاز قىلغۇچىلارغا ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر