17.08.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

17.08.2018

ئامېرىكىنىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋشئوغلۇنىڭ: «ئامېرىكا تۈركىيەگە ئېمېبارگو ۋە بېسىملارنى ئىشلىتىپ ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Tass» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ باياناتچىسى ىمىترى پېسكوۋنىڭ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن سەللا ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەرگە دائىر رۇسىيەلىك مەنسەپدىشىدىن ھېچقانداق ياردەم تەلەپ قىلمىدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە خەزىنە ئىشلىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، گېرمانىيە مىنىستىرىنى ماختىغانلىقىنى ھەمدە گېرمانىيە مىنىستىرىنىڭ دېموكراتىيە تەرەپتە تۇرغانلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان رىشتىسىگە قارىتا ئىشەنچنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيە «AFP» ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم» دېگەنلىكىنى ھەمدە «ھېچ كىشى قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك خەۋەرلەرگە ئىشەنمىسۇن» دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي قورشاۋغا «15ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ داۋامى» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

گېرمانىيەنىڭ «DW» مېدىيا ئورگىنى، قاتارنىڭ تۈركىيەگە 15 مىليارد دوللار بىۋاستە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان ئامېرىكانىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىققا خەلققە چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ خەلقئارا رادىيوسى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن ئېمپورت قىلىنغان بەزى مەھسۇلاتلارغا %100 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارارى ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» مېدىيا ئورگىنى، ئەنگلىيەدە تۈركىيە لىراسىنىڭ سېتىلىشىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيە لىراسىغا بولغان قىزىقىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە لىراسى سېتىشلىرىدا يېتىشتۈرەلمەسلىكتەك قىيىنچلىق تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «CNN» مېدىيا ئورگىنى، خەزىنە ئىشلىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ئولاف سىچولز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئىككى مىنىستىرنىڭ 21سېنتەبىردە بېرلىندە قايتا بىر يەرگە جەم بولۇشقا پۈتۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، قاتار، كۇۋەيت ۋە ئىراقنىڭ ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا قارشى تۈركىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Sputnik» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر