10.08.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

10.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «Der Tagesspiegel» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ تەتىل رايونى ئانتالياغا ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ پەسىلدە كېلىش نىسبىتىنىڭ رېكورت ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەلىك ئىنژېنېررلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئېكران ئىشلەپچىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى بىلىملىرى ئاكادېمىيەسى ئەزاسى ئاندرېي ئىئوننىڭ «تۈركىيە ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات خىزمەتلىرىدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسا پايدىلىق بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەركىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق «شەرقۇل ئاۋسەت» ئاخبارات ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى جەريانىدا سۇيقەيستكە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مادۇرودىن ھال سورىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىرانغا قارشى قايتىدىن ئېمبارگو يۈزگۈزۈشى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىن ۋاز كېچىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 28 ۋە 29 سېنتەبىردە گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ «Trend» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا قارىماستىن، تۈركىيەنىڭ ئىراندىن گاز سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، سۈرىيەدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايون خەلقى تەرىپىدىن ئەسەد قىىسملىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ فارىس خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، سۆھبەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە كەلگۈسى ئۈچرىشىشلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرى تەكىتلەندى. 

رۇسىيەنىڭ «Tass» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋانىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ باش ئەلچىلەر ۋە تۈركىيەنىڭ دائىمى ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 13 ۋە 14 - ئاۋغۇستتا ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر