ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ)

ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ

1025699
ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 27 – 34 – ئايەتلەر. ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ[27]. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى (قەبىھ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شۇنداق ئارزۇ قىلىشىدۇ) ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28]. ئۇلار: «ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيدۇ[29]. ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ[30]. ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزدىن نادامەت» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان![31]. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[32]. ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ[33]. سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى ساڭا نازىل بولدى[34].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر