يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ

بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ.

يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ

يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  ئەنئام سۈرىسى، 19 – 26 – ئايەتلەر.  (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدامەن»[19]. بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ[20]. ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەملەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[21]. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز[22]. ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[23]. ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ[24]. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشەنمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ. ھەتتا كاپىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ[25]. ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن (ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىتىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ[26].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر