چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 03.08.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1025387
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 03.08.2018

گىروزىيەنىڭ «Interpressnews» ئاخبارات ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئامېرىكا تۈركىيەگە ئوخشاش سەمىمىي بىر دوستىنى يوقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، «تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنىنى پىلانلىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رۇيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەگە قارىتا تەھدىتلەرگە تولغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىلىق راھىپ دېلوسى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ سالغان تەھدىتلىرىگە تۈركىيەنىڭ قەتئىي بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكىنى «ئىنجىلپەرەسلىك ۋە سىيونىزملىق بىر ئىدىئولوگىيە بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەپ، «ئامېرىكىنىڭ بۇ تەھدىت خاراكتېرلىق پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «EuropaPress» ئاخبارات ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ 2 مىنىستىرىغا ئامېرىكا تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئېمبارگو قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ھەمدە بۇ جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سوت سىستېمىسى قارارلىرىغا ئامېرىكىنىڭ ھۆرمەتسىزلەرچە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ خاتا قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئەكسىچە بولغاندا بۇ ھۇجۇم خاراكتېرلىك پوزىتسىيەگە ئۇيغۇن شەكىلدە جاۋاب بېرىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئىمبارگو قارارى ئالغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ بۇ قارارنى مەسخىرە قىلىپ، ئامېرىكىدا مەۋجۇت بىردىن بىر مال مۈلكىنىڭ 2016يىلىدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ جاۋابكارى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۈلەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېكىتى تىۋىتتتېردا ئېلان قىلغان سۆزىدە، «ئۇنى ئۇ يەردە تاشلاپ قويمايمىز، چوقۇم قايتۇرۇپ ئالىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رۇيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئەلبايراقنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر ئامېرىكىلىق راھىپنىڭ سوت قىلىنىشىغا ئالاقىدار تۈركىيەگە قارشى يولغا قويماقچى بولغان ئېمبارگولىرىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلارلىقى يوقلۇقىنى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغا تەسىرىنىڭمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ مېھر خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ ئىككى مىنىستىرىغا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گىروزىيەنىڭ «Interpressnews» ئاخبارات ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭمۇ ماقۇللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش بارلىق توسالغۇلارغا قارىماستىن ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سۇپىتنىك تور بىتى، تۈركىيە ئىستاتىستېكا ئىدارىسىنىڭ 2018يىلى ئاپرىل ئېيىدىن ئىيۇن ئىيىغىچە بولغان ساياھەت ئىشلىرى ئىستاتىستېكىلىق دوكلاتىدا، ساياھەت ئىشلىرىدىن قولغا كەلگەن كىرىمنىڭ %30 يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «CNN» خەلقئارا خەۋەر قانىلى، توركو شەكەر تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ۋىلىسىپىت مۇسابىقىسى ماھىرى ئونۇر بالقاننىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن چىڭخەي كۆلى ئۇزۇن مۇساپىلىق مۇسابىقىسىنىڭ 9 - باسقۇچىدا بىرىنچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر