ھىندىستاندا ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۆزگىچە بىر خۇشاللىق دەرسى ئۆتۈلۈشكە باشلاندى
ھىندىستاننىڭ 2 – ئەڭ چوڭ مەركىزى شەھىرى دېھلىدە، مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپتە خۇشاللىق دەرسلىرى رەسمىي دەرسلىك پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېھلى ئۆلكىلىك مائارىپ مىنىستىرى مانىش سىسودىيانىڭ لايىھەسى ھېسابلىنىدىغان «خۇشاللىق دەرسلىرى» مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىن بۇيان مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپتە ھەر كۈنى 30 – 45 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆتۈلۈشكە باشلىدى.
بۇ پىروگرامما دائىرىسىدە ئوقۇغۇچىلار يەسلى، باشلانغۇچ 2 – ۋە 3 - سىنىپ، 5 – ۋە 6 – سىنىپ بولۇپ، جەمئىي 3 گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ.
خۇشاللىق دەرسلىرىدە ئۇتۇق نۇمۇر بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، ئوقۇغچىلارغا تاپشۇرۇقمۇ بېرىلمەيدۇ ۋە سىناق ئىمتېھانلىرىمۇ ئېلىنمايدۇ.
دەرستە رۇھىي ۋە ھېسسىي ئېھتىياجلارغا مەركەزلەشكەن ھالدا ھېكايىلەر ئاڭلىتىلىدۇ. مېدىتانسىيون (يەنى تەسەۋۋۇر قىلىش) قاتارلىق ھېسسىي ئەقىلنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنىدۇ.
خۇشاللىق دەرسلىرىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ياشلاردا كۆپ كۆرۈنىدىغان چۈشكۈنلۈك، سىقىلىش ۋە ئەندىشىلىنىش قاتارلىق ھېسسىي بۇزۇلۇشلارنى يېڭىشىگە يادەمچى بولۇشى ئۈمىت قىلىنماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خۇشاللىق دەرسلىرى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېمىلىرى ئارىسىدا مەنىۋىي قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەر، ئۆزگىچىلىك يارىتىش، ئۆزىنى ئەركىن ئىپادىلەش قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ.
دېھلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان خۇشاللىق كومىتېتىنىڭمۇ 200 ئاقىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن دەرسلەرنى تەقىپ قىلىشى پىلانلانماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە ھىندىستاندا 13 – 15 ياش ئەتراپىدىكى ھەر 4 كىچىك بالىدىن بىرسى چۈشۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.