06.07.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

06.07.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھىندىستاننىڭ «Kohraam» مېدىيا ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام زەپىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت بېتى، شانلىئۇرفادىكى كۆبەكلىتەپە ئارخىئولوگىيەلىك ساھەسىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»  تەرىپىدىن دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مالايشىيانىڭ «The Sunday Daily» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئامىتى كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

قىرىمنىڭ «QHA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەنقەرەدە تۈركىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «CNN»  قانىلى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن ئالغان «F-35» تىپلىق ئالۋاستى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىدىغان 13 ئۇچقۇچى ۋە 325 ئاسراش خادىمىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئارىزونا ئىشتاتىدىكى لۇك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك ئىنتېرنېت قانىلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 24ئىيۇندىكى سايلام زەپىرىدىن كېيىن، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى 10ئىيۇلدا باشلايدىغانلىقىنى، سەيشەنبە كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، ئاندىن ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «CNN»  قانىلى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «CNN»  قانىلى ئىراقنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك ئىنتېرنېت بېتى، پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئېھتىياجلىق بولغان 4 ئۇرۇش پاراخوتىنى ياساپ بېرىش ھۆددىگەرلىكىنى تۈركىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «CNN»  قانىلى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغان پەسىلنىڭ باشلانغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى مېھمانخانىلارنىڭمۇ %100 توشۇش سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر