يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى

يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېگەن سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى.

978329
يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  مائىدە سۈرىسى، 64 – 68 - ئايەتلەر. يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەرقاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق  قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[64]. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي) ئىمان ئېيتسا ۋە (ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن) پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق[65]. ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار![66] ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67]. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر)[68].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر