مالايشىيادىكى تەكشۈرۈشتە 30 مىليون دوللار قولغا چۈشتى

مالايشىيادا ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان «1MDB» سېلىنما شىركىتى چىرىكلىك دېلوسى دائىرىسىدە بەزى ئۆيلەردىن قولغا چۈشكەن پۇللارنى ساناش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى.

977928
مالايشىيادىكى تەكشۈرۈشتە 30 مىليون دوللار قولغا چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ساقچىلىرى سابىق باش مىنىستىر نەجىپ رەزاقنىڭمۇ ئىسمى ئارىلاشقان «1MDB»  سېلىنما شىركىتى چىرىكلىك دېلوسى دائىرىسىدىكى تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا، 120 مىليون مالايشىيا رىڭگىتى (يەنى 30 مىليون دوللار) نى قولغا چۈشۈردى.

«The Star» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان «1MDB»  سېلىنما شىركىتى چىرىكلىك دېلوسى دائىرىسىدىكى تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا، بەزى ئۆيلەردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن پۇللارنى ساناش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئومۇمىي پۇلنىڭ تەخمىنەن 30 مىليون دوللارغا يەتكۈنلىكى ۋە مەركىزىي بانكىغا يوللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇكىت ئامان سودا جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى باشلىقى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشلەرنىڭمۇ قوماندانى ئامار سىڭگ مەسىلە رەسمىي باشقۇچقا ئۆتكەنكەنلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىراق ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەسىلىگە ئالاقىدار بىر ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

مالايشىيا ساقچىلىرى ئالدىنقى ھەپتە سابىق باش مىنىستىر نەجىپ رەزاقنىڭ 3 ئۆيىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەردە، پۇل، ئالتۇن ۋە ئالىي زىبۇ زىننەت بويۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 284 قۇتىنى پىچەتلىگەن ئىدى.  

مالايشىيانىڭ 2باش مىنىستىرى تۇن ئابدۇل روزاقنىڭ ئوغلى ۋە 56 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان بىرلەشمە مالاي خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى نەجىپ رەزاق مالايشىيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

«1MDB»  سېلىنما شىركىتى چىرىكلىك دېلوسى ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، شىركەتكە تەۋە ۋاكالەتخانىلار، بانكا ۋە باشقا ئورگانلار ئارقىلىق نەجىپنىڭ شەخسىي بانكا ھېسابىغا 681 مىليون دوللار يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نەجىپ رەزاقنىڭ 5 ئايرىم ئايرىم ھېسابىدا بايقالغان مەزكۇر 681 مىليون دوللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي ئىئانىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە سەئودى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن نەجىپ رازىق چىرىكلىك دېلوسىدا ئاقلانغان ئىدى.

نەجىپمۇ بۇ پۇللارنىڭ ئىئانە سۈپىتىدە كەلگەنلىكىنى ۋە ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ پائالىيەتلىرىگە ماددىي مەنبە سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر بولسا، بۇ پۇلنىڭ «1MDB» ناملىق سېلىنما شىركىتىدىن كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا سىياسىي ياردەم ۋە نەجىپ رازىقنىڭ خۇسۇسىي ئىېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن بۇ دېلوغا قاراۋاتقان باش مۇپەتتىش ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر