جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇنجى سوھۇرلۇققا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى ھەم ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىشىدا ئايروپىلاندا تۇردى ھەمدە ئايروپىلاندا ئېلان قىلغان ۋىدېئودا، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز خەلقىمىز ھەم پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت ۋە ئاخىرى جەھەننەم ئازابىدىن خالاس تېپىش بولغان مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان، ھەم سوھۇر ھەم ئىپتارلاردىكى مول بەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق شاد – خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋالغان بولساق، روزا ھېيتنىمۇ شۇنداق شاد – خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن. شۇنى ئالاھىدە  تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رامىزان ئېيىنى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا يۈرگۈزگەن قەتلىئاملىرى بىلەن كۈتۈۋالدۇق، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم، ئاللاھ تائالادىن بارلىق شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن، 2 مىڭ 500 ئەتراپىدا يارىدار بار، يارىدارلارغىمۇ جانابىي ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن. مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا، 24 – ئىيۇن سايلاملىرنىڭ ھازىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز ھەم ئەزىز خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ئۇچۇرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى  Instagram  ۋە Facebook  سەھىپىلىرىدىمۇ ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر