ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى سەلمان خان كاپالەتكە قويۇپ بېرىلدى

ھىندىستان سوت مەھكىمىسى نەسلى تۈگەش ئالدىدىكى بۆكەنلەرنى ئاۋلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئاتاقلىق كىنو چولپىنى سەلمان خاننى كاپالەتكە قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.

ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى سەلمان خان كاپالەتكە قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى سەلمان خان تۈنۈگۈنكى سوتتا 1998يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئاۋ ئاۋلاش پائالىيىتىدە، نەسلى تۈگەش ئالدىدىكى بۆكەنلەرنى ئاۋلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۈگۈنكى سوتتا كاپالەتكە قويۇپ بېرىش ھۆكۈم قىلىندى.

سەلمان خان 770 دوللار كاپالەت ھەققى تۆلىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.

سەلمان خاننىڭ تەبىئەت جانلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 1 يىلدىن 6 يىلغىچە قاماق جازاسىغا دۇچار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شۇ قېتىمقى ئاۋ ئاۋلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھىندىستان كېنو چولپانلىرىدىن سائىف ئەلى خان، سونالى بەندىرە، تابۇ ۋە نېلام كوتارى بولسا، يېتەرلىك دەلىل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن گۇناھسىز ئېلان قىلىندى.

سەلمان خان 2002يىلىدىمۇ ئاپتوموبىلى كونتىروللۇقىدىن چېقىپ كېتىپ، يول ياقىسىدا ئۇخلاۋاتقان كىشىلەرنى سوقۇپ توختىغان بولۇپ، ۋەقەدە بىر كىشى ئۆلۈپ، 4 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

سەلمان خاننىڭ شۇ قېتىم تۇغدۇرغان قاتناش ۋەقەسىگە دائىر سوت ئىشلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر