«مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك»

دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋاقىتلار ۋە زامانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

935406
«مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىسلام دۇنياسىدا ئىلاھىي رەھمىتى، بەرىكىتى ۋە مەغپىرىتى مول مۇبارەك ئۈچ ئاينىڭ خەۋەرچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان رەغائىب قەندىلى بۈگۈن كېچە ئىدراك قىلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە مۇبارەك ئۈچ ئايدىن بىرى بولغان رەجەب ئېيىنىڭ تۇنجى پەيشەمبە كۈنىنى جۈمەگە تۇتاشتۇرىدىغان كېچىسى ئىدراك قىلىنىدىغان رەغائىب قەندىلى «رەھمەت ۋە مەغپىرەت كېچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىنىي پائالىيەتلار باشقارمىسى رەغائىب قەندىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ئەنقەرەدە «مەلىكە خاتۇن»، بۇرسادا «ئۇلۇ»، يوزگاتتا «بۈيۈك چاپانئوغلۇ»، ئايدىندا «كۇللىييە»، كونيادا «ھاجى ۋەيىسزادا»، ئىستانبۇلدا «فاتىھ»، «ئەييۇب سۇلتان» ۋە «ۋالىدەئى جەدىد» جامەلىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەخسۇس پىروگراممىلاردا، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە مەۋلۇت ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەنقەرەدە «مەلىكە خاتۇن» جامەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «مەخسۇس رەغائىب قەندىلى پىروگراممىسى» غا دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباشمۇ قاتنىشىدۇ.

ئەرباش «رەغائىب قەندىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رەغائىب قەندىلى» نىڭ «مەنىۋى مەۋسۇمغا قەدەم قويۇش» نىڭ خەۋەرچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋاقىتلار ۋە زامانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەرباش، بۇنداق ۋاقىتلار ۋە زامانلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇبارەك كۈنلەر ۋە كېچىلەر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ يارىتىلىش سەۋەبىنى ئىدراك قىلىشى، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تونۇپ يېتىشى ۋە ھاياتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلنىىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر.»

«رەغائىب» ئىبارىسىنىڭ «رىغبەتلىك»، «ئارزۇلۇق»، «جەزبىدارلىق» ۋە «ئادەمنى تەلپۈندىرىدىغان» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەرباش، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە نېمەتلىرىنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدراك قىلىنىشى، سەمىمىي دىل بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگۈنچىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، مۆمىنلەرنىڭ چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىشى ئۈچۈن، بۇ كېچىنىڭ «رەغائىب» دەپ ئاتالغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر