ئامېرىكىدىكى ئۆي سەرەمجانلىرى يەرمەنكىسىدە تۈرك شىركەتلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۆي سەرەمجانلىرى يەرمەنكىسىدە تۈرك شىركەتلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

ئامېرىكىدىكى ئۆي سەرەمجانلىرى يەرمەنكىسىدە تۈرك شىركەتلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن 20 شىركەت ئېلان  قىلغان 4 كۈنلۈك يەرمەنكە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىن ۋە يەرمەنكە مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان « McCormick Place» تا شەنبە كۈنى باشلاندى.

ئۆي سەرەمجانلىرى ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سۇپىلىرى زىيارەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

تۈركىيەنىڭ چىكاگو باش كونسۇلى ئۇمۇت ئاجار تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بازارلىرىدا بارغانسېرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىشىنىڭ، كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ئۈمىد چىرىغى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر