ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ.

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 171 – 173 – ئايەتلەر. ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (ئاللاھ ، ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن ئاللاھ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر[171]. مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ[172]. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا ئاشۇرۇپ  بېرىدۇ، (ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ[173].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر