گوللاندىيەدىكى قۇرئان كۇرسى 20 دىن ئارتۇق قارى يېتىشتۇرۇپ چىقتى

ياۋروپا مىقياسىدىكى 28 قۇرئان كۇرسىدا 560 نەپەر قىزنى قوشقاندا جەمئىي 814 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قارىلىقتا ئوقۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گوللاندىيەدىكى قۇرئان كۇرسى 20 دىن ئارتۇق قارى يېتىشتۇرۇپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامدىكى سەلىمىيە جامەسىدە 2010 – يىلى ئېچىلغان قۇرئان كۇرسىدا بۈگۈنگە قەدەر 20 دىن ئارتۇق قارى يېتىشىپ چىقتى.

ئامستېردام سەلىمىيە جامەسى ئىمامى ھافىز ئەھمەد كايا تەرىپىدىن باشلانغان ۋە خەلقنىڭ زور قىزىقىشىغا ئېرىشكەن قۇرئان كۇرسى مودېلى، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە گوللاندىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدىمۇ ئېچىلدى. 

ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي گۆرۈش ( قاراش) تەشكىلاتى تەركىبىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سەلىمىيە جامەسىدىكى كۇرستا ئالدىنقى يىلى قارى بولۇپ چىققان 14 ياشلىق ئەمىر قۇربان: «قارى بولۇش ئىنتايىن گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . مېنى تولىمۇ گۈزەل نەرسىلەرگە ئىگە قىلدى، ھەممەيلەنگە تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى.

ئامستېردام مەۋلانا جامەسىنىڭ ئىمامى ۋە قۇرئان ئوقۇتقۇچىسى ھافىز ئابدۇللاھ كايىنمۇ: «ياۋروپادا قارى يېتىشتۇرۇش كۇرسىنىڭ ئېچىلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش. نىشانىمىز، قارى يېتىشتۇرۇش كۈرسىدىكى ياشلارغا دىنىي مەلۇماتلارنىمۇ ئەڭ ساغلام شەكىلدە ئۆگىتىش، جامە ۋە جامائەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېدى.  

ھازىر ياۋروپا مىقياسىدا گوللاندىيە ئامستېردام سەلىمە جامەسىدىكى قۇرئان كۇرسىدىن ئىلھام ئېلىپ ئېچىلغان ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي گۆرۈش ( قاراش) تەشكىلاتىغا قاراشلىق 28 كۇرستا، 560 نەپەر قىزنى قوشقاندا جەمئىي 814 نەپەر ئوقۇغۇچى قارىلىقتا ئوقۇماقتا. 

ياۋروپا مىقياسىدىكى كۇرسلارغا قارىتا، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك – ئىسلام بىرلىكى جەمئىيىتى ۋە ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي گۆرۈش ( قاراش) تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھەر يىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قارىلىق ئىمتېھانلىرىدا ئۇتۇققا ئېرىشكەنلەرگە قارىلىق دىپلومى تارقىتىپ بېرىلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر