ئىتالىيەنىڭ داڭلىق گېزىتى ئەردوغاننى ماختىدى

ئىتالىيەنىڭ «‹ La Gazzetta dello Sport› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرك پۇتبول ساھەسى ئۈچۈن ناھايىتى زور شان – شەەرپ ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى يازدى.

ئىتالىيەنىڭ داڭلىق گېزىتى ئەردوغاننى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پۇتبول ساھەسىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە 2024 – يىللىق ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان نامزات دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلانغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئەردوغاننىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە 2009 – يىلدىن 2017 – يىلغىچە 21 تەنتەربىيە زالى ياسالغان بولۇپ، ياۋروپادا بۇنداق خىزمەت تېخىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن. تۈركىيە بۇ خىزمىتى بىلەن  2024 – يىللىق ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش نامزاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رىقابەتتە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر