ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئىمان ئېيتىدۇ

ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ.

ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا  ئىمان ئېيتىدۇ

ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئىمان ئېيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  نىسا سۈرىسى، 155 – 162 - ئايەتلەر. ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيدۇ) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[155]. يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)[156]. يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىسا ئىبن مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى[157]. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158]. ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159]. يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161]. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[162].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر