ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاندا ئىككى جامەگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 70 كە يېقىن ئادەم قازا قىلدى.

831465
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇنجى ھۇجۇم پايتەخت كابۇلدىكى شىئەلەرگە تەۋە «زامان جامەسى» دە يۈز بەرگەن بولۇپ، زوراۋان ئالدى بىلەن ئەتراپقا ئوق چىقارغان، كېيىنچە ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان، ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 40 كىشى قازا قىلغان، 45 كىشى يارىلانغان.

ئارىدىن 1 يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن زوراۋانلار غور ۋىلايىتىدىكى سۈننىيلەرگە تەۋە بىر جامەگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدىمۇ كابۇلدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ھۇجۇملاردا ئونلارچە كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر