ئافغانىستاندا شىئە جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 56 گە يەتتى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن شىئەلەرگە تەۋە زامان جامەسىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 56 گە يەتتى.
831661
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت كابۇلنىڭ داشتى رايونىغا جايلاشقان ھازارا شىئەلىرىگە تەۋە زامان جامەسىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 56 گە يەتكەن، 55 كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان.